خىتاي دائىرىلىرى يەنە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
2021.01.08
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى» دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسى 1949-يىلدىن 2018-يىلغىچە ئىزچىل كۆپىيىپ كەلگەنىكەن. دوكلاتتا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش ۋە تەبىئىي كۆپىيىشى 2017-يىلدىن باشلاپ تېز چۈشۈشكە باشلىغانلىقىى ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سەۋەبى باشقا ئامىللارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈلگەن.
دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، ئۇنىڭغا دىنىي رادىكاللىقنىڭ ياخشى كونترول قىلىنىشى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ «توغرا ئىجرا قىلىنىشى، ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرىنىڭ پەرزەنت كۆرۇش، نىكاھ مەسىلىلىرىدىكى ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى» قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغانىكەن. بۇ دوكلات خەلقئارادا خىتاي ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىنى باھالاشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ دوكلاتىدا، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 2017-يىلدىن بۇرۇنقى ئەھۋالى سۆزلىنىپ، ئۇنىڭ يېقىنقى 3 يىللىق ئەھۋالى، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىشىنىڭ نوپۇس تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى، ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرىنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ۋە نىكاھ مەسىلىلىرىدىكى ئىدىيەسىنىڭ 2017-2018-يىللىرى ئىچىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كېتىشىدەك ھالقىلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىلمىگەن. دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلار تېخىمۇ گۇمان پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 2010-يىلدىن 2018-يىلغىچە 25.04% كۆپەيگەنلىكى، بىراق 2018-يىلى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 10.69% گە، تەبىئىي كۆپىيىشنىڭ 6.13% كە چۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.