ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي نوپۇس كونتروللۇقىنى قايتا تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.08.19

ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان زور پاجىئەلەردىن مەجبۇرىي نوپۇس كونتروللۇقى ھەققىدە كۆپلىگەن دەلىللەر تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلىرىنى يەنە بىر قېتىم كەسكىن تەنقىدلىدى. 18-ئاۋغۇست كۈنى «فوكس خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

فوكس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈۋېتىش قىلمىشلىرى توغرىسىدا سۆز قىلغان مورگان خانىم «بىز بۇ قەبىھلىكلەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلماقتىمىز،» دېگەن. شۇنداقلا رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، دوختۇرخانىلاردىكى «بوۋاقلارنى ۋەزىپە ھېسابىدا ئۆلتۈرۈش» قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتىكى بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تېخى يېقىندا بۇ مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق ۋە پاكىتلىق بايان قىلىپ كەلگەن مۇتەخەسسىسلەردىن ئادريان زېنز قاتارلىقلارنى «يالغانچىلىق» تا ئەيىبلىگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك قەبىھ ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى بىرلەشمە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈشى جەريانىدىمۇ تاغدەك پاكىتلار بىلەن كۆپلەپ مەلۇم بولغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قىلمىشنى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلىشى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشى، خەلقئارانىڭ بۇ ھەقتىكى دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم بۇ مەسىلىگە قاراتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.