خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى گۇاڭشىدا يەنە ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەن
خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا قولغا ئېلىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەن. خىتاي ئاخباراتى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ئېتىۋەتكەن بۇ 2 ئۇيغۇرنىڭ گۇمانلىق «تېررورچىلار» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىراق د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ 2 ئۇيغۇر خىتاينىڭ سىياسىي، دىنىي بېسىمىدىن قېچىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە ماڭغان «مۇساپىرلار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ، گۇاڭشىدا يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلانغان خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى 3-قېتىم ئوققا تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى. خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى بۇ يىل 1-ئايدا ۋىيېتنام چېگراسىدا 2 ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەن.
بۇ قېتىمقى ۋەقە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ دۇڭشىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن. خىتاي مەركىزى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە، سانى مەجھۇل بىر قانچە «تېررورچى ئۇنسۇر» بايقالغانلىقىنى، ساقچىلار ئۇلارنى قولغا ئېلىش جەريانىدا ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق قانداق ئامىل ساقچىلارنىڭ ئوق چىقىرىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.
دىلشات رىشىت، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنسىز قولغا ئېلىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ دىنىي بېسىمى، ساقچىلارنىڭ دىندار ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئۇلارنى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىماقتىكەن.