ئۇيغۇر دىيارىدىكى 2022-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022-05-17
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن بىڭتۇەن سىستېمىسى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2022-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ئۈچۈن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يېڭى بەلگىلىمىدە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى ئۈچۈن مەكتەپ رايونى بويىچە ئايرىلغان تەۋەلىكتىكى كىشىلەر بالىلىرىنى ئۆزلىرىگە يېقىن بولغان مەكتەپلەرگە بەرسە بولىدىغانلىقى، شۇ ئارقىلىق ھەقسىز بولغان مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تولۇق ئىجرا قىلىش لازىملىقى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا مەۋجۇت بولۇۋاتقان تىزىملاشقا دائىر بىر قاتار بەلگىلىمىلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھانلار بىكار قىلىنغان. بىر سىنىپتا ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ھەددىدىن زىيادە ئوقۇغۇچى بولۇشتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىپ، ئوقۇغۇچى سانىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپلىرىدا 45 تىن ئاشماسلىقىنى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 50 تىن ئاشماسلىقىنى بەلگىلىگەن.

بۇ قېتىمقى بەلگىلىمىدە ئالاھىدە ئورۇن ئالغان يەنە بىر نۇقتا ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ئوخشىمىغان مەكتەپ تەۋەلىكىگە كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئىلگىرىكى بىر قاتار بەلگىلىمىلەر بىكار قىلىنغان. شۇنىڭدەك مۇقىم نوپۇسى بولمىغان، ئەمما «ۋاقىتلىق ئولتۇرۇشلۇق گۇۋاھنامىسى» بولغانلارنىڭ بالىلىرىمۇ شۇ جايلاردىكى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ئۇقتۇرۇشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇتۇش پۈتۈنلەي مەنئى قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇتۇشتا خىتايچە قوللىنىش يەسلىگىچە ئومۇملىشىپ بولغان. بۇ خىل ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاسانلىق يارىتىش» نامىدا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ تولۇق مەكتەپكە بېرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەركىتىنى بەزىلەر «مائارىپ ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇش» نى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە ئىكەن. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ مىليونلاپ ئائىلە جۇدالىقىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقاندا، بۇنداق بىر سىياسەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇ جەھەتتىكى ئاسسىمىلاتسىيە ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى، دەپمۇ قارالماقتا ئىكەن. يەنە بەزىلەر بولسا ۋاقىتلىق نوپۇسقا ئىگە كىشىلەرنىڭ بالىلىرى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ياردەم بېرىش» ۋە «چېگرا رايوندا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش» نامىدا تەشكىللىك ھالدا ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرگەن مىڭلىغان خىتاي ئاققۇنلىرى ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان «ئېتىبار بېرىش» سىياسەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت