خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا قول تىقماقتا ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.01.25

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا قول تىقىپ، ئۇلارنىڭ مېيىتنى دىنىي قائىدە ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئاساسەن ئۇزىتىشىنى چەكلەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋاپات بولغان ھازىدار ئائىلىلەرنىڭ مېيىتىنى يۇيۇپ-تاراپ، ئۆلچەملىك ئاق كېپەندە كېپەنلىشى ۋە نامىزىنى چۈشۈرۈشىگە بەزى چەكلىمىلەرنى قويماقتا ئىكەن. خەۋەردە، بۇ چەكلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا جىنازا نامىزى ۋە دەپنە مۇراسىملىرىنى چەكلىگەنلىكى ئۇيغۇر تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تۇنجى قېتىم بىر چەتئەل تورىنىڭ بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىشىدۇر.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى 2‏-ئايدا قەشقەر شەھىرىدە ئەزىمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزاسى ئانىسىنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئەزىمەت ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. «زىمىستان» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئايالى بىلەن ئوغلى شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي رايونغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تۇرىدىكەن ۋە سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىكەن.

خەۋەردە يەنە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئەزىمەتنىڭ ئايالى بىلەن ئوغلىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ «دىنغا ئېتىقاد قىلىشىغا بولمايدىغانلىقى، پارتىيەنى مەدھىيەلەشكىلا بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇڭگان، قازاق قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ جىنازا نامىزى ۋە دەپنە ئىشلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن. دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى 7‏-ئايدا شىخۇ ناھىيەسىدە ۋاپات بولغان ما مىڭ ئىسىملىك بىر تۇڭگان بوۋاينى كېپەنلەش ئىشلىرىغا ۋە دەپنە مۇراسىمىغا چەكلىمە قويغان. «زىمىستان» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال يەنە سانجىدىكى بىر قازاق ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن. سانجىدىكى ئايدانا ئىسىملىك بىر قازاق ئايالنىڭ 70 ياشلىق ئانىسى ۋاپات بولغاندا دائىرىلەر ئايدانانىڭ ئانىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغىمۇ قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئېتىقادنى چەكلىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىنى خىتاي جەمئىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنىڭ قىسمى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.