ئۇچتۇرپاندا دائىرىلەر ئۆسمۈر بالىلارنى توردىن ئۇزاق تۇرۇش ھەققىدە ۋەدىنامە يازدۇرغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 17-ماي كۈنى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتا چوڭ بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى توردىن ئۇزاق تۇرۇش ۋە قول تېلېپونى ئوينىماسلىق قاتارلىق مەزمۇندا ۋەدىنامە يازدۇرغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ مۇراسىمغا «يېشىل كىتاب ئوقۇش، مەدەنىيەتنى يۈكسەلتىش تەشۋىقات پائالىيىتى» دەپ نام بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە مۇراسىمدا باشتىن ئاخىر سوتسىيالىستىك قىممەت قاراشنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زىيانلىق كىتابلارنى ئوقۇش ۋە ئۇچۇرلارنى كۆرۈشنىڭ خەۋپ-خەتىرى تەكىتلەنگەن. خەۋەرنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا، ئەتراپلىق مەلۇمات ئېلىش ۋە ئەركىن پىكىر قىلىش پەرقلىق شوئارلار ئارقىلىق چەكلەنگەن بۇ مۇراسىمدا 1500 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى بۇ توغرىدا ۋەدىنامە يازغان ۋە قەسەم بەرگەن.

ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكەن يىللاردا كۆپ ساندا كىشىلەر قول تېلېفوندا ئاتالمىش مەسىلە كۆرۈلۈپ، يەنى چەكلەنگەن مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ئىزى بايقىلىپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا يوللانغان ياكى قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ئىدى.

بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ھەتتا بەزى ساۋاتسىز كىشىلەرنىڭمۇ قول تېلېفونىدا بايقالغان ئاتالمىش قانۇسىز يازمىلار سەۋەبىدىن تۇتۇلغانلىقى، ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلىسىنىڭ ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىنىڭ قول تېلېفونىنى دىققەتسىز ھالدا ئوينىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇچتارپاندا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتنى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش دولقۇنىنىڭ مەكتەپلەرگىمۇ يېيىلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قاراشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت