خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئاساسلىق سودا بازىسىغا ئايلاندۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-01-26
Share

خىتاي غەربىي شىمالدىكى ئۆلكىلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە بىلەن ئاساسلىق تاشقى سودا ئالاقىسى قىلىدىغان رايونغا ئايلاندۇرىۋاتقان بولۇپ، 2013 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورت - ئىمپورت سومممىسى 27مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقى سودا مىقدارى تېز سۈرەتتە ئاشۇرۇلغان.

شىنخۇا تورىنىڭ يېزىشىچە، 2013 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى 5 جۇمھۇرىيەتكە قاراتقان ئېكسپورت سوممىسى 19 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. قالغان ئاساسلىق ئېكسپورت رۇسىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان.

2013 - يىلى ئۇيغۇر ئېلى چەتئەل ئەردىن 5 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق مال ئىمپورت قىلغان.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېكسپورت سوممىسى ئىمپورت سوممىسىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولغان.

مەزكۇر 5 مىليارد دوللارلىق ئىمپورت سوممىسى تەركىبىگە خىتاينىڭ قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كىرگۈزىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنىڭ قىممىتى ھېسابلاندىمۇ - يوق،بۇ ئېنىق ئەمەس.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چەت ‘ئەللەر بىلەن قىلغان سودىسىدا ئاساسلىقى يېنىك سانائەت مەھسۇلالىرى ۋە باشقا مەھسۇلاتلار ئوبيېكت قىلىنغان، مۇھىم سالماقنى يەنىلا چېگرا سودىسى ئىگىلەيدىكەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى قازاقىستاننى زىيارەت قىلغاندا، ئورتاق يىپەك يولى ئىقتىسادىي پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنى غەربىي، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا، جۈملىدىن رۇسىيە بىلەن سودا - ئىقتىسادىي ئالاقە قىلىشتىكى مۇھىم بازا قىلىشنى بېكىتكەن بولۇپ، بۇ ساھەگە زور مەبلەغ ئاجراتقان ئىدى،

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.