خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا ئۆي سېتىشنى چەكلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.11.30

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا ئۆي سېتىش ۋە ئىجارىگە بېرىشقا چەك قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. چەتئەلدىكى «زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تورىنىڭ خەۋىرىدە 27‏-نويابىر ئاشكارىلىنىشىچە، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان پۇقرالىرى ئۆي سېتىش، ئۆي ئېلىش ياكى يەر-مۈلك ئىجارىگە ئېلىش ئىشلىرىدا پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتە» ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ئېلىش، ئۆي سېتىشىنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بۇرۇن تارقالغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تۇنجى قېتىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆي سېتىش چەكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇر.

مەزكۇر تورنىڭ مۇخبىرى ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ فامىلىلىك بىر خىتاي ئايالنى زىيارەت قىلغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئايال ئۆتكەن يىلى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە يۈرۈش ئۆيىنى سېتىشقا چىقارغان ئىكەن. لېكىن شۇ رايوندىكى ئىجتىمائىي رايوننىڭ خادىملىرى دەرھال بۇ ئايال بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۆيىنى ئالغۇچى خېرىدارلىرىنىڭ ئەھۋالى سۈرۈشتە قىلغان شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئۆيىنى ئۇيغۇرلارغا سېتىشقا بولمايدىغانلىقى، ئەگەر ئۇيغۇرغا ساتسا ئۆينى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزىۋېلىش رەسمىيىتىنىڭ بېجىرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، مەزكۇر رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىنى خىتايدىن باشقا مىللەتلەرگە سېتىشى چەكلەنگەنلىكى، بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئۆيىنى بىر ئۇيغۇر خېرىدارغا ساتالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر تور بەتنىڭ مۇخبىرى ئۆيىنى ساتماقچى بولغان بىر ئۇيغۇر ئايالنى زىيارەت قىلغان. بۇ ئۇيغۇر ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆيىنى سېتىش ئۈچۈن بىر ئۆي-مۈلك بېدىكى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئۆي-مۈلك بېدىكى ئۇنىڭغا «سەن ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن ئۆيۈڭنى خىتايلاردىن باشقا ھېچكىمگە ساتالمايسەن» دېگەن. خەۋەردە، بۇ ئايالنىڭ قېرىندىشىنىڭمۇ ئوخشاش سەۋەبتىن بىنا ئۆيىنى ساتالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئەھۋالدىن تۇڭگانلارمۇ مۇستەسنا ئەمەسئىكەن. خەۋەردە، بىر تۇڭگان ئايالنىڭ كۈيتۈن شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق قىزىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بارغانلىقى، بۇ تۇڭگان ئايال تىزىمغا ئالدۇرۇشقا كېرەكلىك پۈتۈن رەسمىيەتلەرنى تەييار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي رايون خادىملىرى ئۇنىڭ تۇڭگان ئىكەنلىكى سەۋەبلىك ئولتۇرۇش رۇخسىتى بېرىشنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.