پرېزىدېنت دونالد ترامپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.06.17
trump-uyghur-bill-sign.jpg ئامېرىكا پرېزىدېنت دونالد ترامپ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 5-ئىيۇن، ۋاشىنگتون
AP

يېقىندا ئامېرىكانىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا بىردەك مۇتلەق ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى بىلەن ماقۇللانغان «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىشخانىسىغا يوللاپ بېرىلگەن ئىدى. 17-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن كېيىن دونالد ترامپ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ، بۇنىڭ رەسمىي قانۇن بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئاقساراي ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ شۇ كۈندىكى مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئەمدى رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمغا شېرىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىش باسقۇچىغا ئۆتكەن. خەۋەردە «شىنجاڭدىكى غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش مەزمۇن قىلىنغان بۇ قانۇن لايىھەسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم شەخسلەرگە جازا بېرىدۇ» دېيىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى جازا بېرىلىدىغان كىشىلەر تىزىملىكىدە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى چېن چۈەنگونىڭ بولۇشى زور ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى زور خۇشاللىققا چۆمدۈردى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نازارەت ۋە مۇقىملىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا بۇ لايىھەنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇشى ئامېرىكا ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.