ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى بىر يېرىم مىليوندىن ئاشقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.07.04

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمى سانى بىر يېرىم مىليوندىن ئاشقان. خىتايدا چىقىدىغان «خەلق تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2017‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر رايوندىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى بىر مىليون 565 مىڭغا يەتكەن.

بۇ رايوندىكى ھەر 15 ئادەمنىڭ بىرىنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. «خەلق تورى»نىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ رايوندىكى كومپارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما رايوندىكى ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەت كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ 600 مىڭغا يېقىنلىشىدىغانلىقى، بۇ ئومۇمى ساننىڭ 38 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«خەلق تورى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، 2017‏-يىلى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى ئالدىنقى يىلقىدىن ئاز كەم 45 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، 2.96 پىرسەنت ئارتقان. لېكىن بۇ ئارتىشنى كومپارتىيەگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى ياكى رايونغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان خىتاي كۆچمەن كوممۇنىستلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ نىكاھ قىلىشى، ھېيت نامىزىغا بېرىشى، ئۆلسە نامىزىنى چۈشۈرۈشى قاتارلىقلارنى چەكلىگەن. بەزى خەۋەرلەردە ئۇلار ئۆلسە جەسىتىنىڭ كۆيدۈرۈلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. يېقىندا چەتئەلدىكى بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزالىرىدىن ئۆلگەندە جەسىتىنى كۆيدۈرۈش ھەققىدە تىلخەت ئالغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار تارقالماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇ ئۇچۇر توغرا بولسا بۇ ئىش نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى كومپارتىيەگە كىرىشتىن بۇرۇن كېيىنلىكىنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە مەجبۇرلايدىكەن. «خەلق تورى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە بىڭتۇەندىكى كومپارتىيە ئەزالىرى سانىنىڭ 250 مىڭغا يەتكەنلىكى، بىڭتۇەندىكى ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەت كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ 5 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بىڭتۇەندىكى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى كونترول قىلىپ تۇرۇشتىكى ئاساسى تايانچ كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.