ئامېرىكا ئۇيغۇر رايونىدىن پاختا مەھسۇلاتى كىرگۈزشنى چەكلەپ، مودا كىيىم كەسپىنىڭ مال تەمىنلەش مەنبەسىنى ئۈزگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-02-22
Share

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 22-فېۋرال ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇر رايونىدىن پاختا مەھسۇلاتى كىرگۈزشنى چەكلەپ، مودا كىيىم كەسپىنىڭ مال تەمىنلەش مەنبەسىنى ئۈزگەن؛ كۆپلىگەن ئامېرىكا ماركىلىرى خىتايدىن مال زاكاز قىلىشنى بىكار قىلغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرى نۇرغۇن زىيان تارتىشقا باشلىغان. مەسىلەن، خىتاينىڭ خۇا فۇ شىركىتى ئۆتكەن يىلى 50 مىليون 430 مىڭ دوللار زىيان تارتقان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى مەھبۇسقا ۋە زامانىۋى قۇلغا ئايلاندۇرۇش جىنايىتىگە قارشى تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينىڭ 87 پىرسەنت پاختا مەھسۇلاتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن بولۇپ، دۇنيادىكى مىڭلىغان شىركەتلەر بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. بۇ دۇنيا بويىچە مودا كىيىم كەسپىدە ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن بىر ئەھۋال بولۇپ، ئەگەر مۇشۇنداق داۋاملاشسا، قىممىتى بىر مىليارد دوللارغا يېتىدىغان پاختا مەھسۇلات سودىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبىدىن قىسقا ۋاقىتتا كۆپۈككە ئايلىنىدىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چەكلىگەن بولۇپ، بۇ رايوندىن چىققان پاختىلار خىتايدا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردە پىششىقلاپ ئىشلەنسىمۇ ياكى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئايلاندۇرۇلسىمۇ ئامېرىكاغا كىرگۈزۈش چەكلىنىدىكەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا بىخەتەرلىك ئىدارىسى سودا ساھەسىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: «مېلىڭلارنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىڭلار» دەپ ئېنىق ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت