خىتاينىڭ بۇ يىل ئامباردىكى پاختا زاپىسىنى سېتىشى ئۇيغۇر پاختىكارلىرىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-06-12
Share

خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئامباردىكى يىغىۋالغان پاختا زاپىسىنى بۇ يىل بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى پاختا باھاسىغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، يەرلىك پاختىكارلارنى بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا بازىسى بولغان ئۇيغۇر ئىلدىكى يەرلىك پاختىكارلارنى ئېغىر ئەھۋالغا قويىدىكەن.

خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات -ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى يىن جىيەن، رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، «پاختىنىڭ بازار باھاسىغا بېسىم پەيدا قىلمايمىز» دېگەن بولسىمۇ، بىراق توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكىلەر، ئامباردىكى كونا پاختىنىڭ تۆكمە باھادا سېتىلىپ، خېرىدار جەلپ قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئامبىرىدىكى پاختا زاپىسى 10 مىليون توننا بولۇپ، بۇ دۇنيا ئومۇمىي پاختا زاپىسىنىڭ 40 % تەشكىل قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر پاختىنى دۆلەت سېتىۋېلىپ، قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق يوللار بىلەن پاختىكارلارنى يۆلەپ كەلگەن. لېكىن خىتاينىڭ سىياسىتى ئامېرىكا ۋە باشقا ئەللەرنىڭ شىكايىتىنى قوزغىغان. ئۇلار خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ پاختىكارلار تارتقان زىياننى قانداق تولۇقلايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

رويتېرسنىڭ قەيت قىلىشىچە، باھا سەۋەبلىك خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدا دېھقانلار پاختىنى كۆپ تېرىمايدۇ، دەپ قارالماقتىكەن.

لېكىن خىتاي دۆلەتلىك ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى يىن جىيەن، «شىنجاڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسلىق ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت