ياپونىيە كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان پاختا مەسىلىسىدە قېيىن ئەھۋالدا قالغان

2021-09-23
Share

ياپونىيە ۋاقتى گېزىتى 23-سېنتەبىر تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، ياپونىيە كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان پاختا مەسىلىسىدە قېيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان پاختا ئىلگىرى سۈپىتى بىلەن داڭق قازانغان بولسا، ئۇ ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالغانلىقتىن كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى بۇ مەسىلىدە قېيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەن.

بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ كىيىم ماركىسى «Uniqlo» ۋە «Muji» ۋە «Mizuno» قاتارلىق ماركىلىرى بۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ئامېرىكانىڭ يېڭى قائىدىسىگە ئاساسەن، ئىمپورت قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلىتىدىغان پاختىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، ئۇلار ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى سېتىش يولىنىڭ ھەر قانداق باسقۇچىدىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەننىڭ ھېچقانداق قولى يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەككەن.

ئەمما ياپونىيە سودا دائىرىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى ياپونىيە ۋاقتى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە «ھازىر تەمىنلەش زەنجىرلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن بىر شارائىتتا، ئۇنىڭ بىڭتۇەن بىلەن ھېچقانداق سودىسى يوقلۇقىنى مۇتلەق ئىسپاتلاش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس» دېگەن

يۇقىرىدىكى شىركەتلەر بىر مەھەل ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان پاختا يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كېيىن يەنى فىرانسىيەدىكى مۇستەقىل ئورگان 4 كىيىم-كېچەك شىركىتىنى ئەرز قىلىپ ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك بولغۇچىلار، دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن ئۇنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ شىركەتلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلسا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچراپ خىتاي تاۋار بازىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشتىن قورقىدىكەن، داۋاملىق ئىشلىتىۋېرەي دېسە ئامېرىكانىڭ سودا چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن ۋە ئېتىبارىنى يوقىتىپ قويۇشتىن قورقىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كىيىم-كېچەك ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا شىركەتلەر نازۇك قارار چىقىرىش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشنى تاللاش ئىمكانى يوقكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت