دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (FIFPro)‏: «ئىستىقباللىق ئۇيغۇر پۇتبولچى ئىرپان ھېزىم دەرھال قويۇپ بېرىلسۇن!»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر پۇتبولچى ئىرپان ھېزىمنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» دىن دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

دۇنيادىكى كەسپىي پۇتبولچىلاردىن تەشكىللەنگەن 60 دۆلەتتە 65 مىڭ ئەزاسى بولغان بۇ تەشكىلات بۈگۈن ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتىدا، ئىرپان ھېزىمنىڭ ئىستىقباللىق بىر ئۇيغۇر پۇتبولچى ئىكەنلىكىنى، جياڭسۇ «سۇنىڭ كوماندىسى» بىلەن توختامى بارلىقىنى، بۇ يىل 2‏-ئايدا يۇرتىغا تەتىل ئۈچۈن قايتقىنىدا «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

مەزكۇر باياناتتا يەنە ئىرپان ھېزىم ھەققىدە رادىيومىز تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەر مەنبە سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. ئىرپان ھېزىمنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۇنىڭ چەتئەل سەپىرى، يەنى ئۇنىڭ بۇ يىل 1‏-ۋە 2‏-ئايدا ئىسپانىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن. خىتايدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەنقىدلىنىۋاتقانلىقى ئەسلىتىلگەن مەزكۇر باياناتتا ئىرپان ھېزىمنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى ۋە پۇتبول ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باياناتىدا ئىرپان ھېزىمنىڭ ئۆتكەن يىلى خىتاي پۇتبول كوماندىسى تەركىبىدە گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان توپ مۇسابىقىسىدە موللاق ئېتىپ ۋارتاغا توپ تەپكەن يۇقىرى ماھارەتلىك ئالقىشلىق كۆرۈنۈشى قىستۇرۇپ ئۆتۈلگەن.

دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىرپان ھېزىم ھەققىدىكى باياناتىنىڭ ئەتە رۇسىيەدە باشلىنىدىغان دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھارپا كۈنىدە ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت