رويتېرس ئاگېنتلىقى: «ئۇيغۇرلار ‹ئورۋېلچە قاباھەت› دۇچ كەلمەكتە!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.05.15

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق كونتروللۇق دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 14-ماي كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھالنى «ئورۋېلچە قاباھەت» دەپ ئاتىدى.

ماقالىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقاچان كىشىلەرنى ئۆزىگە «دەم تارتىپ كېتىدىغان» نازارەت مېخانىزمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئاراملىق ئىمكانى قالدۇرمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ يانفونىغا بىرەر ئەپ ئورنىتىشىدىن تارتىپ چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىشقا ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىغا قەدەر ھەممىلا ئىشنىڭ ئۇلارنى ئۇدۇل يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئاپرىدىغانلىقى، ھازىرغا قەدەر بىر مىليونچە ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇنداق جايلارغا قامالغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى ئېيتىلىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدەك نوپۇسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولغان بىر مەملىكەت شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ زۇلمەتلىك بىر ماكانغا ئايلىنىپ قالغان، ئەمما پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا ئۇيغۇرلاردەك ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ھېچقانداق بىر مىللەت يوق ئىكەن. يەنە كېلىپ تىبەتلەرنى خەلقئارادىكى كۆپلىگەن داڭدار شەخسلەر قوللاۋاتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ سەرگەردانلىقتىكى رەھبىرى دالاي لاما ئۇلارغا مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇرلار پات-پات تاشقى دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان ھالدا ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەمسىز ئەھۋالى داۋام قىلىۋەرسە بۇنىڭ ئاقىۋىتى بەكمۇ يامان بولىدىغانلىقى ئېيتىلىپ، «بۇ ھال مۇشۇنداق كېتىۋەرسە بىز چوقۇم بۇ مەسىلىگە سەل قارىغانلىقىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز» دېيىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىنگلىزچە «ئورۋېلىيان» سۆزى غەرب دۇنياسىدا كەڭ قوللىنىلىدىغان سۈپەت سۆزى بولۇپ، جورج ئورۋېل تەخەللۇسىدىكى ئەنگلىيەلىك يازغۇچى ئېرىك بلايىرنىڭ 1949-يىلى نەشر قىلىنغان «1984» ناملىق رومانىدا تەشۋىقات، نازارەت، مۇستەبىتلىك، ھاكىممۇتلەقلىق ۋە سەپسەتە قاتارلىقلار بىلەن لىق تولغان زۇلمەتلىك جەمئىيەتنى تەسۋىرلەشتە قوللىنىلغان.

جورج ئورۋېل تەخەللۇسىدىكى «ئورۋېل» دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بۇ ئاتالغۇ غەرب دۇنياسىدا مۇستەبىتلىك تۇزۇم ۋە زۇلۇمغا سىمۋول قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.