ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بۈگۈن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئاۋازغا قويىدۇ

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.05.27

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كالېندارىغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى بۈگۈن ئاۋازغا قويىدىكەن. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلىدىكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ 26-ماي كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

مۇخبىر: پىرېزىدېنت ئەپەندى ، ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قانۇن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدىكەن، سىز ئىمزا قويۇشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟

پرېزىدېنت ترامپ : بۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا ئەستايىدىل قاراپ چىقىمەن.

مۇخبىر: خىتاينى جازالاشنىڭ ئىچىدىكى بىر مەزمۇن مۇشۇمۇ؟

پرېزىدېنت ترامپ: كېلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە ناھايىتى ئېنىق بولغان خەۋەر ئاڭلايسىلەر.

ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتىشىنى كۈتمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.