پرېزىدېنت ترامپنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى» نى ئىمزالىشى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.06.18

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ 17-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى - CNN 17-ئىيۇن خەۋەر بېرىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقى، ئۇنىڭدا پرېزىدېنتنىڭ 180 كۈن ئىچىدە دۆلەت مەجلىسىگە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى قىينىغان، ئۇزۇن مەزگىل قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغان ياكى ئۇلارنى خورلىغان، شىنجاڭ خەلقىنىڭ «ياشاش ھەققى، ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا رەت قىلغان» خىتاي ئەمەلدارلىرى ياكى شەخسلەرنى تېپىپ چىقىپ مەلۇم قىلىشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قاتاردىكى «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بۇ قانۇن خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بار ئەمەلدارلارغا ئېمبارگو قويۇپ، خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كۈچلۈك سىگنال بېرىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. «Blumbérg» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بولسا پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ قانۇنغا ئىمزا قويۇشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى، چۈنكى ئۇنىڭ بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشنى خالىماي كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكا CNBC قانىلىنىڭ خەۋىرىدە «ئۇيغۇر قانۇنى» نىڭ تۇنجى قېتىم بىر خىتاي سىياسىي بيۇرو ئەزاسىغا ئېمبارگو قويۇدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىكىگە جاۋابكار دەپ قارىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ خەۋىرىدە پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۇنىغا ئىمزا قويۇشى «ئەسلىدىنلا كەسكىنلىشىپ كەتكەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى يەنە بىر زەربە» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە «بۇ قانۇن خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارشى قوللانغان باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭكىدىن كۈچلۈك ھەرىكەت،» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.