ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە بىر قانۇن لايىھىسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-10-01
Share

9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھەسى» ئاۋازغا قويۇلۇپ، 163 گە قارشى 253 ئاۋاز بىلەن ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتچىلاردىن بولغان ئەزاسى جېننىفېر ۋېكتون خانىم ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ قانۇن ئامېرىكادا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقىنى ئاشكارىلاشقا قىستايدىكەن. قانۇن ماقۇللانغان تەقدىردە شېركەتلەر ئۆز مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى، ئۇنىڭدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بار-يوقلۇقىنى قەرەللىك ھالدا دوكلات قىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى قوللىغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، بۇ قانۇن ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىنى چەكلىگىلى بولىدىغانلىقى ۋە شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشى بىلەن ئۈنۈملۈك ھالدا كۆرەش قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش» ناملىق بىر قانۇن لايىھەسى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاۋاز بىلەن تەستىقلانغان ئىدى. بۇ قېتىملىقى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئاۋازغا قويۇلغان ئىككىنچى قانۇن لايىھەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت