ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئاخىرقى لايىھەسىنى ماقۇللىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-12-15
Share
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئاخىرقى لايىھەسىنى ماقۇللىدى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى(Nancy Pelosi) خانىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا سۆز قىلماقتا. 2021-يىلى 8-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
AP

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 14-دېكابىر كۈنى كەچتە بىلەت تاشلاپ، بىردەك ئاۋاز بىلەن «ئ‍ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئاخىرقى بىرلىككە كەلگەن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەجبۇر ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرالمىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلمىغۇچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلەنگەن. مەزكۇر قانۇننىڭ پەرقلىق ئىككى لايىھەسى بۇ يىل 7-ئايدا كېڭەش پالاتاسىدا ئۆتكەن ھەپتە ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان.

كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى 14-دېكابىر كۈنى بۇ قانۇننىڭ پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلىدىغان ئاخىرقى لايىھەسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، بۇ لايىھە ئاۋام پالاتاسىدا قايتا ئاۋازغا قويۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى يېقىندا كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىكەن. ئەگەر ئۇ بۈگۈن كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانسا پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشى ئ‍ۈچۈن دەرھال ئاقسارايغا يوللىنىدۇ. قانۇن بويىچە پرېزىدېنت ئۇنىڭغا 10 كۈن ئىچىدە ئىمزا قويۇشى كېرەك. مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا 3 دەن 2 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللانسا پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشى ئ‍ۈچۈن 10 كۈن ساقلاشقىمۇ ھاجەت قالمايدىكەن.

بۇنىڭ بىلەن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ دۆلەت مەجلىسى بايراملىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشىنىڭ يولى ئېچىلىدىكەن.

لېكىن «ئوكسىيۇس» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقساراي باياناتچىسى جىن ساكى سەيشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىم پرېزىدېنت بايدېننىڭ قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «بىز دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چارە كۆرۈش توغرىسىدىكى قارىشىغا ئورتاقلىشىمىز» دېگەن. جىن ساكى يەنە ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارالىق ھەرىكەت قوللانغانلىقى، G7 يىغىنىدا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى، مالىيە جازاسى، يەرشارى ماگنىتسكىي ۋىزا چەكلىمىسىنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇلار بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ۋەدىمىزنىڭ ئىسپاتى» دەپ كۆرسەتكەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس مېكگوۋېرن بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو سۇنغان بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق دەلىللەر» بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلمىغۇچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت