ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.12.30

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ئاق سارايانىڭ رەت قىلىۋېتىش ئېھتىماللىقىغا قارشى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە، كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلارنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ، پرېزىدېنتنىڭ رەت قىلىۋېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن. خەۋەردە، بۇ قانۇن دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلار ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلالىغان يېتۈك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 3‏-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنغان. لېكىن، كېڭەش پالاتاسىنىڭ خىزمەت تەرتىپى سەۋەبلىك قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش كېلەر يىلغا قالغانىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە قانۇن چىقارغۇچىلار بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش قىلمىشىنى جازالاشتا قانۇن لايىھەسىنى يېتەرلىك ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ، پرېزىدېنتنىڭ ئىمزالىشىنى، ئەگەر ئىمزالىمىسا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن قايتا ماقۇللىشىدەك ئاقىۋەتكە تەۋەككۈل قىلىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر نۇرغۇن مەسىلىلەردە پرېزىدېنت ترامپنىڭ تەرىپىنى تۇتسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن جۇمھۇرىيەتچىلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دېموكراتلار بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلماقتىكەن. خەۋەردە، جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئونىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ «ھۆكۈمەت تاشقى سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويمىدى، دېگەن پىكىرلەر بار. بۇنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل پىكىر كۈچەيمەكتە. دۆلەت مەجلىسى ھەرىكەتكە ئۆتسۇن دەيدىغان پىكىرلەر مەۋجۇت» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.