ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېڭى بىر قانۇن ئوتتۇرىغا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.03.04

ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھەقلەرنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇشى، بولۇپمۇ لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەمدە خەلقئارادىكى كۆپلىگەن داڭلىق شىركەتلەرنىڭ بۇنىڭغا چېتىلىپ قېلىشى ئامېرىكىدا كۈچلۈك بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جىم مەكگوۋېرن ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو 3-مارت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ تىۋېتتېر بەتلىرىدە «قايتا تەربىيەلەش»، «مەجبۇرىي ئەمگەك» ۋە ئومۇمىي نازارەت دېگەنلەرنىڭ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسلىق مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇنى» نى ئېلان قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «ماشىنىلاردىن تارتىپ كومپيۇتېر ۋە كىيىم-كېچەكلەرگىچە 80 دىن ئارتۇق شىركەت ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولۇشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن،» دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.