ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.02.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى «دۇنياۋى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ئىشخانىسى» 20-فېۋرال كۈنى ئۆزلىرىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى. مەزكۇر ئىشخانىنىڭ قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت مەسىلىلىرىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەمدە ئۇنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىغا بىۋاسىتە مەسلىھەت بېرىشتەك رولىدىن ئالغاندا ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق باياناتىنى يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىگەنلىككە باراۋەر، دەپ قاراشقىمۇ بولىدىكەن.

مەزكۇر بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تىۋېتتېر ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ ھەمبەھىرلەندى، شۇنداقلا ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزىلەر بۇ ئۇچۇرنى «يۈرەك» لەپ «بۇ ناھايىتى ياخشى بايانات بوپتۇ. بولسا ئەمدى تېخىمۇ كۆپ ئەمىلى ۋە كونكرېت ھەرىكەتلەر ئوتتۇرىغا چىقسۇن» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى يانۋاردا دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن بۇيان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە باياناتلار ئېلان قىلغان، شۇنىڭدەك كۆپ قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرى ۋە باشقا ئوخشىمىغان سورۇنلاردا بۇ مەيدانىنى قايتا-قايتا ئىپادىلەپ كەلگەن ئىدى. بايدىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدىمۇ بۇ مەۋقە داۋام قىلغان ھەمدە بىر قاتار جازا تەدبىرلىرى ئىجرا قىلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تاۋارلار ئىمپورتىغا چەكلىمە قويۇلغانىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى باشلامچىلىق رولى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان قارارلارنى ۋە جازا تەدبىرلىرىنى ئالغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.