خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا ئاشكارا بولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى مەخپىي ئارخىپلار دۇنيا مىقياسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم كونا مۇقامنى تەكرارلاپ «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرمەكتە» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن شۇ كۈنى ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› تۆھمەتلىرى ئارقىلىق يەنە بىر مەيدان ئويۇن ئويناۋاتىدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى مۇقىملىقنى بۇزۇپ تاشلاش ئۇرۇنۇشىدا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى چارە قاتارىدا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۈشكۈرتۈپ مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق خىتاينى ئىچكى جەھەتتىن قالايمىقانچىلىققا گىرىپتار قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ساقلىغان ئارخىپ ھۆججەتلىرى لاگېرلاردىكى زۇلۇمنىڭ كىشىلەر ئويلىغاندىنمۇ قەبىھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئىنكارچىلىق پوزىتسىيەدە بولۇشى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارالماقتىكەن. بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لاگىرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتۇر ئادريان زېنز «بۇ ماددىي ھۆججەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق شەكىلدە ئىنكار قىلىپمۇ دۇنيانى ئالدىيالمايدۇ» دېگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت