ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى بارغانچە كۆپىيىشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

14-ئىيۇن كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەجلىستە 47 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنى كەسكىن تەنقىدلىگەن.

فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتلىشىچە، بۇ قېتىملىق بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغانلارنىڭ بىرى بولغان گوللاندىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پائۇل بېككېرس (Paul Bekkers) ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر رېئاللىقتىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارشى زۇلۇمنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھازىر بەكمۇ ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ». ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ ئىككىنچى قېتىم بۇ بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن تەنقىدكە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل تەنقىدا سادالىرى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ھازىرغىچىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلماي بېسىپ قويۇشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە ئەيىبلىمەسلىكى، دۇنيانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون 14-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدا ئېنىق قىلىپ: «مىشېل باچېلېتنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى يېقىنقى زىيارەتتە ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. باچېلېت زىيارەت قىلغان جايلاردا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئۇ تېزدىن بېسىپ قويۇلغان دوكلاتنى ئېلان قىلىشى لازىم،» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت