دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنى رامزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رامزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن روزا تۇتۇشى ۋە ياكى باشقا دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلىمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

دىلشات رىشىت سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بېسىم سىياسىتىنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن ساۋاق ئېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نورمال ھاياتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشتىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، دائىرىلەرنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش نامى ئاستىدا رايوندىكى بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋە خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى مىسلىسىز دەرىجىدە كۆپەيتكەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى رامزان مەزگىلىدە خەلققە قوراللىق ھەيۋە قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت