ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەدلىيە تارماقلىرى يىغىن ئېچىپ، بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان
2019.11.11
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت، يۇقىرى تەپتىش مەھكىمىسى، ئەدلىيە نازارىتى ۋە ج خ نازارىتى يىغىن چاقىرىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ 4-ئومۇمى يىغىندا قىلغان سۆزلىرىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى رايوندىكى سوت، تەپتىش، ئەدلىيە ۋە ج خ ئورگانلىرىدا قانداق ئىجرا قىلىش ھەققىدە بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئېلىپ بارغان. لېكىن خەۋەردە بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت تەپسىلاتى تىلغا ئېلىنمىغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ 6-نويابىر كۈنى ئېچىلغان يىغىنىدا «تۆتنى تونۇش» نى كۈچەيتىش، «تۆتكە بولغان ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇش»، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكىتلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكەتتە «ئۈنۈمدارلىق» نى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان.
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ شۇ كۈنى ئېچىلغان يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكانىڭ سىستېمىدىكى رولىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.
خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلغان. يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ نۆۋەتتە خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتكە قارىتا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىمقى يىغىن ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى پارتلاپ، خىتاي ئىقتىسادى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 3 مىليوندەك مۇسۇلماننى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي، تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى مەجبۇرىي خىتايچىلاشتۇرۇشى خەلقئارادا قاتتىق نارازىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېچىلغان ئىدى.
رايوندىكى ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا نۆۋەتتىكى بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئېلىپ بارغانلىقى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ لاگېردىكى 3 مىليوندەك مۇسۇلماننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارىتا ھەر خىل قانۇنىي باھانىلەرنى ئىزدەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.