ئۇيغۇر ئېلىدە بىر ئاي ئىچىدە 32 مىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.09.01

خىتاي دائىرىلىرى 8- ئاي ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر-بازارلاردا 32 مىڭ 800 ئىش ئورنى يارىتىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.  

«خىتاي خەۋەرلەر تورى»نىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، « بۇ يىل ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىشچى قوبۇل قىلىدىغان 1500 دىن ئارتۇق خوجايىن دائىرىلەر تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان 100 مەيدان تور ئارقىلىق قېتىملىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 24 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنىغا ئادەم قوبۇل قىلغان. بۇ پائالىيەتكە 36500 ئادەم قاتناشقان»   

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا  «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى خىتاي شىركەتلىرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى باشلىغانىدى. ئاۋسترالىيەدىكى (ASPI)  تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتتا ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ  خىتايدىكى تور بەتلەردە خۇددى قۇللارغا ئوخشاش توپ – توپ ھالدا خىتاي خوجايىنلار تەرىپىدىن ياللىنىۋاتقانلىقى ۋە سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنماقتا.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.