ئۇيغۇر رايونىدا بىر كۈندە 410 ۋىرۇس يۇقۇمدارى كۆپەيگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي تاراتقۇلىرىدا يېڭى ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر بېرىلىۋاتقان بولۇپ، 12-ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتقا قارىغاندا، 11-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر رايونىدا كېسەللىك ئالامىتى يوق ۋىرۇس يۇقۇمدارىدىن 410 ئادەم كۆپەيگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا شەھىرىدىن 136، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 87،  غۇلجا ناھىيەسىدىن 73، قۇتۇبى ناھىيەسىدىن 67، تۇرپان شەھىرىدىن 19، قومۇل شەھىرىدىن 9، چۆچەك شەھىرىدىن 1، ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدىن 1، باي ناھىيەسىدىن 1، بورتالا شەھىرىدىن 3، خوتەن شەھىرىدىن 3، كورلا شەھىرىدىن 2، قەشقەر شەھىرىدىن 4،  قاغىلىق ناھىيەسىدىن 2 ئادەم كۆپەيگەن.

بۇ خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە،  ئۇيغۇر رايونىدا ھازىرغىچە 1317 ئادەم كېسەللىك ئالامىتى يوق تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، ئىلى ئوبلاستىدا 936 ئادەم يۇقۇملانغان بولۇپ، يۇقۇم ئەڭ ئېغىر جاي ھېسابلىنىدىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا ئۈرۈمچى شەھىرى بولۇپ، 178 ئادەم يۇقۇملانغان. سانجىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە يۇقۇملانغۇچىلار 104 ئادەمگە يەتكەن.

     ھازىر خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا «شىنجاڭ بارسا كەلمەس جاي» دېگەندەك تېمىلاردا ئۇچۇرلار تارقىلىپ يۈرۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي ساياھەتچىلىرى ئۈرۈمچى ئايروپورتى ۋە باشقا جايلاردىكى قاتناش بېكەتلىرىدە قاپسىلىپ قالغان ۋە كارانتىنغا ئېلىنغان.

ئامېرىكادا چىقىدىغان«Breitbart خەۋەرلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تاجسىمان ۋىرۇستىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قامال قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا، ھەتتا ھاياتىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزمەكتە ئىكەن.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.