ئۇيغۇر رايونىدا يۇقۇم ۋەزىيىتى داۋاملىق ئېغىرلاشماقتا

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تېز سۈرئەتتە كۆپىيۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە كۆپلەپ ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەر تارقالماقتا. 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 14 كۈنى 343 نەپەر يېڭى يۇقۇمدار كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە 45، غۇلجا شەھىرىدە 130، غۇلجا ناھىيەسىدە 9، قۇتۇبى ناھىيەسىدە 118، قومۇل شەھىرىدە 16، تۇرپان شەھىرىدە 11، شىخو شەھىرىدە 6، كورلا شەھىرىدە 6، بورتالا شەھىرىدە 1، يوپۇرغا ناھىيەسىدە 1 ئادەم كۆپەيگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يۇقۇمدارلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2334 ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، ئىلى ئوبلاستىدا 1363، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 407، قۇتۇبى ناھىيەسىدە 303، قومۇل شەھىرىدە 78، تۇرپان شەھىرىدە 51، قەشقەر ۋىلايىتىدە 44،  ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 12، خوتەن ۋىلايىتىدە 4 نەپەرگە يەتكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بىرلەشمە گۇرۇپپىسى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇر رايونىغا مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. بۇ گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى، خىتاي سىەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لېي خەيچاۋ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، يۇقۇم ۋەزىيىتىنى قانداق كونترول قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى ما شىڭرۈي  ئىلى ئوبلاستىغا بېرىپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش» خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى، «يۇقۇمنى سىرتتىن كىرگۈزمەسلىك، يۇقۇمنى سىرتقا چىقارماسلىق؛ ۋىرۇسنى تېز قامال قىلىش، كېسەلنى تېز ئايرىپ چىقىش، دەرھال كارانتىن قىلىش، ۋىرۇس ئېغىر جايلارنى تاكى ۋىرۇس يوقالغىچە قاتتىق كونترول قىلىش» دېگەندەك يوليورۇقلارنى بەرگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يۇقۇم ئېغىر دەپ بېكىتىلگەن جايلاردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئېغىر كىرزىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈش ئىشلىرىدىكى توسقۇنلۇق، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى قالايمىقانچىلىقلار، قارىقويۇق ۋىرۇس تەكشۈرۈش بىلەن دورا بېرىش ئىشلىرىدىكى مالىمانچىلىقلار ۋە كارانتىن تەدبىرلىرىدىكى ھەددىدىن ئاشقان چەكلىمىلەر خەلقنى ئېغىر كۈنگە قويغان. ئەگەر بۇ ئىشلار مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىغان تەقدىردە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ۋە خەتەر ئاستىدا قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.    

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.