خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا ئارقا-ئارقىدىن ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئاز بولغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلىرىدە زور كۆلەمدە ساقچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.

ياردەمچى ساقچى، ئالاھىدە ساقچى، چارلاش خادىمى ياكى بىخەتەرلىك خادىمى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش ۋە ئېلانلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور بەتلىرىنى قاپلىغان.

ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن ناھىيىلەر ساقچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ سۈرۈكىنى ئۇزارتقان بولۇپ، ساقچىلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى توشمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت 7-ئاينىڭ 15-كۈنى جەمئىيەتتىن 30 نەپەر چارلاش ساقچىسى، 269 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى ۋە 300 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلتىماس قىلغۇچىلار يېتەرلىك بولمىغان. ئۇلار ئامالسىز ئىككىنچى قېتىم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىلتىماس قىلىش مۇددىتىنى تاكى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ئۇزارتقان.

ئاۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەتمۇ ئالدىنقى ئايدا نەچچە يۈزلىگەن ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئېلان چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلتىماس قىلغۇچىلار يېتەرلىك بولمىغان. ئۇلار ئامالسىز ئىككىنچى قېتىم قايتا ئېلان چىقىرىپ، ساقچى قوبۇل قىلىشتىكى بىر قىسىم شەرتلەرنى تۆۋەنلەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت