ساياھەت ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىدىغان خىتايلار كۆرۈنەرلىك ئازايغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق قانلىق ۋەقەدىن كېيىن ساياھەت ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىدىغانلارنىڭ سانى بىراقلا ئازايغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 5-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 40% تۆۋەنلىگەن. بۇ ھال ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىنچسىز ۋەزىيەتنىڭ رايوندىكى ساياھەتچىلىك ۋە ساياھەتتىن كىرىدىغان ئىقتىسادىي كىرىمگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئاشكارا قىلماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر ساياھەتچىگە 500 سومدىن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت