خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا «سەددىچىن سېپىلى» قۇرىدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى 23-يانۋار كۈنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «مۇقىملىق» تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە 5700 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىدە «سەددىچىن سېپىلى» بەرپا قىلىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ چېگرا لىنىيەسىدىن مەخپىي ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىر «خىتاي خەۋەرلىرى» گېزىتىگە بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ئۆتكەن يىلى ئومۇمەن مۇقىم بولغان بىر يىل بولدى. ئەمما بىز بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە قەتئىي يول قويماسلىق ئۈچۈن بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھېچقانداق يوچۇق قالدۇرماسلىققا تىرىشىمىز» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا مەزكۇر «سەددىچىن سېپىلى» قۇرۇلۇشىدا ئىنتېرنېتقا بولغان نازارەتنى ئاشۇرۇش، چېگرا بويلىرىدىكى يۇقىرى تېخنىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇش ھەمدە يول ۋە ھۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۆپەيتىش، شۇ ئارقىلىق چېگرا لىنىيەسىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىش مۇھىم نۇقتا بولىدىكەن.

ئۇيغۇرلار دىيارىدا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئىزچىل ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە. مۇشۇ مەقسەتتە ئالدىنقى يىلنىڭ ئۆزىدە كۆپلىگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان بولۇپ، چەتئەل ئاخباراتلىرى بۇ ھالنى «پۈتكۈل رايوننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇش» دەپ تەنقىدلەپ كەلگەن.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى تەدبىر ھەققىدە پىكىر قىلىپ، بۇ شوئارنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭدىكى قانۇن ئورگانلىرى تۆمۈردەك مۇستەھكەم ‹سەددىچىن سېپىلى› بەرپا قىلىپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش لازىم» دېگەن چاقىرىقنىڭ ئەكس ساداسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت