ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى خىتاينىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئىنكاس بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-06-09
Share

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسى» توغرۇلۇق ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئىنكاس بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى مەزكۇر سوتتا ئىسپات بەرگەن شاھىتلارنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋە قوشنىلىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلغانلىقىغا ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزلىرىگە دىققەت قىلغان. ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ئۇلارنى بۇ يىل 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا تەكلىپ قىلماقچى ئىكەن، ئەگەر خىتاي ئۇلارنى گۇۋاھچى دەپ بېكىتىپ، ئۇيغۇر سوتىغا قاتناشتۇرۇشنى خالىسا، ئۇلار ئەنگىلىيەگە كېلىپ گۇۋاھلىق بەرسە بولىدىكەن. ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ خىزمىتى ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىش بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر سوتقا كېرەكلىك ھەر قانداق ئىسپات بولسا چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى يەنە بۇ سوتقا بېرىلگەن باھالارغىمۇ دىققەت قىلغان بولۇپ، بەزىلەر «بۇنداق مەسىلىلەرنى خەلقئارا سوت بىر تەرەپ قىلمامدۇ؟» دەپ سوئال قويغان. ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى بۇنىڭغا بۇ مەسىلىنى خەلقئارا سوتنىڭ قاراپ چىقالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا باشقا بىر دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت