خىتاي لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە گۇۋاھلىق بەرگۈچى لاگېر شاھىتلىرىغا تەھدىت سالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-09-17
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە گۇۋاھلىق بەرگۈچى شاھىتلارغا تەھدىت سېلىش قاتارلىق ھەر خىل ۋاستىلارنى قوللىنىپ، مەزكۇر سوتقا كاشىلا قىلىشقا ئۇرۇنغان.

«كودا ستورىي» تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، قازاقىستاندىن ئەنگىلىيەگە بېرىپ 10-سېنتەبىردىن 13-سېنتەبىرگىچە لوندوندا ئ‍ۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-باسقۇچلىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان 3 نەپەر قازاق لاگېر شاھىتى ئالمۇتا ئايرودرومىدا قازاقىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان. ئۇلار قازاقىستاندىن ئۇچالماي قىرغىزىستان ئارقىلىق ئىستانبۇل ۋە دۇبەي ھاۋا يولى بىلەن لوندونغا ئۇچۇشقا مەجبۇر بولغان.

خەۋەردە يەنە سوتتا گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭمۇ تېلېفون، ئىجتىمائىي تاراتقۇ، ئېلخەت ۋە باشقا ئ‍ىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق تەھدىت، قورقۇتۇش ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخپى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مۇئەتتەر ئىلىقۇت، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇلىيە مىشاپ قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى ئېيتىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىن بارغان لاگېر شاھىتلىرىدىن ئەرباقىت ئوتارباي قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭمۇ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئالتايدا قېلىپ قالغان ئاتا-ئانىسى بىلەن ئىككى پەرزەنتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا ئەگەر ئوتارباي سوتتا گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ئ‍اگاھلاندۇرغان. ھەتتە ئۇنىڭ شاڭخەيدىكى قىز قېرىندىشىمۇ تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭدىن سوتتا گۇۋاھلىق بەرمەسلىكنى ئ‍ۆتۈنگەن. ئەنگىلىيەلىك ئادۋوكات، «ئۇيغۇر سوت كوللېگيەسى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ھامىد سابىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بېسىمىدا ئىككى شاھىت سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشتىن ۋاز كەچكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت