ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رەسمىي نامى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىكى ئۇيغۇر سۆزى ئېلىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.04.30

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋە خىتايدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رەسمىي ئىسمى بولغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىكى ئۇيغۇر سۆزىنى چىقىرىۋېتىپ «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ قوللىنىشقا باشلىغانلىقى دىققەت قوزغىدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن بولغان «خىتاي خەۋەرلەر تورى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق تور بەتلەردە ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىت ئېلان قىلىنغان ئون پارچىدىن ئارتۇق خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىسمى «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ ئىشلىتىلگەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتىدىمۇ ھەم شۇنداق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسى» دەپ ئاتالغان.

خىتايدىكى بىر قىسىم خەۋەر تور بەتلىرىدە خېلى بۇرۇنلا شىنجاڭ رايونى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رەسمىي نامى تولۇق ئىشلىتىلىپ كەلگەن ئىدى. بىراق ھازىر رەسمىي تور بەتلەردىمۇ ئۇيغۇر سۆزىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

مەزكۇر ئەھۋال چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشنى باشلىغاندىن بۇيان، رەسمىي نامدىكى ئۇيغۇر سۆزىنىمۇ چىقىرىۋېتىش ئۇرۇنۇشىنى خېلى بۇرۇنلا باشلىغان ۋە بۇنى پەيدىنپەي ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىنلا بۇ رايوننىڭ ئىسمىنىڭ يېڭى چېگرا مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان شىنجاڭ سۆزى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتالغانلىقىدىن بىئارام بولۇپ كەلگەن،» دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.