خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «قارا كۈچلەرنى تازىلاش» ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى «ھىمايىچىلىرى» گە قارىتىلماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.04.19

cخىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قوزغىغان «قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىنىڭ نىشانى بۇ خىل كۈچلەرنىڭ ئارقىسىدىكى «ھىمايىچىلىرى» گە قارىتىلىشقا باشلىغان.

«جۇڭگو خەۋەرلەر» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 16‏-ئاپرېل يىغىن چاقىرىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش نىشانىنى ئامما ئارىسىدىكى «قارا گۇرۇھلار» ۋە «رەزىل كۈچلەر» نىڭ ئارقىسىدىكى «ھىمايىچىلىرى» گە قارىتىش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماپ، خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا قوزغىغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەرىكەت جىنايى قىلمىشلارغا قارىتىلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاساسلىق نىشانى لاگېر سىرتىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنى «قارا كۈچلەر» گە باغلاپ جازالاشنى نىشان قىلغان ئىكەن.

يېقىندا مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 21‏-تەپتىش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. مەزكۇر گۇرۇپپا 9‏-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىدە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەرىكەت تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. يېقىندا ئالتايدىكى بىر قازاق پۇقراسىنىڭ رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» دېگىنى ئەمەلىيەتتە كونا دېلولارنى يېڭى دېلودەك قايتا كۆرۈپ چىقىپ، لاگېردىكى كىشىلەرگە جىنايەت ئارتىشنىڭ بىر باھانىسى ئىكەن. ئۇ «نۆۋەتتە بۇرۇن مەھەللىدىكى ئەل-ئاغىنىلەر ئوتتۇرىسىدا ھاراق ئىچىپ يۈز بەرگەن جېدەل-ماجىرالار ‹قارا جەمئىيەتنىڭ قىلمىشى› دەپ سۈرۈشتۈرۈلمەكتە» دېگەن.

16‏-ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا دائىرىلەر «قارا كۈچلەرنى تازىلاش ۋە رەزىللىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچقا كىرگەنلىكى، «قارا گۇرۇھ» لار ۋە «قارا كۈچ» لەرنىڭ ئارقىسىدىكى «ھىمايىچىلىرى» گە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.