ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي گازنىڭ 400 مىليون خىتاي پۇقراسىغا بەخت ئېلىپ كەلگەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-06-22
Share


جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىنىڭ 22 - ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2004 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىن شەرققە توشۇلغان تەبىئىي گازنىڭ 400 مىليون خىتاي پۇقراسىغا نەپ يەتكۈزگەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان.

جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2004 - يىلى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بىرىنچى لىنىيە قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ھازىرغا قەدەر خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈلگەن تەبىي گاز 150 مىليارد كۇپمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.

تارىم نېفىتلىكىدىن شەرققە توشۇلغان بۇ زور تەبىئىي گاز بايلىقى خۋاڭخې ۋە چاڭجياڭ دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى 15 ئۆلكە، شەھەر ھەمدە 120 نەچچە چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەردىكى 400 مىليونغا يېقىن خىتاي ئاھالىسىگە شۇنداقلا 3 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كارخانىسىغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزگەن.

ھېسابلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بىرىنچى لىنىيەسىدە يەتكۈزۈلگەن تەبىئىي گاز 200 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە باراۋەر ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان 10 مىليون توننىدىن ئارتۇق زىيانلىق ماددا ئاز قويۇپ بېرىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت