«ياۋروپا خەۋەرلىرى» تورى: «مىشېل باچىلېت خىتاينىڭ شەرتى بىلەن شىنجاڭغا بارماسلىقى كېرەك»
2021.05.10
ئامېرىكانىڭ كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شۋېتسىيەلىك شەرقشۇنس ماگنۇس فېسكەسىيۆ «ياۋروپا خەۋەرلىرى» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېتنىڭ خىتاينىڭ شەرتى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىغا بارماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنداق بىر زىيارەت ب د ت ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىكەن.
ماگنۇس فېسكەسىيۆ ب د ت نىڭ ئىزچىل تۈردە مۇتەخەسىسسلەرنىڭ شىنجاڭنى چەكلىمىسىز زىيارات قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكى، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررىسنىڭ يېقىندا خىتاي بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىغانلىقى، بىراق بۇنداق زىيارەت مۇقەررەر خىتاي دائىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «مىشېل باچىلېتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى بولۇشتەك ئىمتىيازىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ تولۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىشارەت يوق» ئىكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ «پۈتۈنلۈي توغرا» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشلىتىپ سەھنە ياسايدىغانلىقى ۋە ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتىلارغا قەدەر كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماگنۇس فېسكەسىيۆنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ب د ت لاگېرلاردا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىلىرى، سەنئەتچىلىرى ۋە مەدەنىيەت سەرخىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلسا، خىتاي خۇددى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەلچىلىرىنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈشىنى رەت قلغاندەك بىر باھانە تاپىدىكەن.









