خىتاينىڭ ھۆكۈمەت گېزىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ««شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق ئىگىلىكىگە ھۇجۇم قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى «شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق ئىگىلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ، يەرلىك ئىشلەمچىلەرگە زىيان سېلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ 10-ئاپرېل ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «سۈپەتلىك پاختا تەشكىلاتى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى سەۋەب قىلىپ، مەزكۇر رايون بىلەن بولغان ئالاقىسىنى توختىتىشىدا چەتئەلدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ تەشۋىقاتى رول ئوينىغانىكەن.

يېقىندا خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ پاختىچىلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «سۈپەتلىك پاختا تەشكىلاتى» ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ قارارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنىدى. لېكىن «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە «شىنجاڭ جىنلى يۈەن كىيىم-كېچەك شىركىتى» دەك كارخانىلار ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان. بۇ ھۇجۇم يەرلىك ئىشلەمچىلەرگە زىيان سېلىپلا قالماي، خەلقئارا بازار نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ رېيالىستىك ئەمەس» ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى خىتاي كارخانىلىرىغا يۆتكەپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇنىڭ بىلەن بەزى خەلقئارا شىركەتلەر رايوندىكى كارخانىلار بىلەن بولغان مال كېلىشىمىنى بىكار قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت