ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى بېسىم سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-03-08
Share

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زېيىد رائاد ئەل ھۈسەيىن 8-مارت كۈنى جەنۋەدە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنى بېسىم سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە داۋاملىشىۋاتقان يىغىنىدا، چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زېيىد ھۈسەيىن 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈستىدە دوكلات بېرىپ ئۆتكەن. ئۇ دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا خىتايدىكى ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنى ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ؛ «مېنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى دىنى ۋە مىللىي بېسىم ۋەقەلىرى قاتتىق ساراسىمغا سالدى. مەن خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى داۋاملىق تەكىتلەيمەن» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە رەھبەرلىك ئورنىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ؛ «خىتاي 30 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، سەھىيە -مائارىپ ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىدا زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە كىشىلىك ھوقۇققا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ ۋە شۇنداقلا ئۆز مىللىتىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان پائالىيەتچىلەرگە قارىتا قىلىۋاتقان قورقۇتۇش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرىمەن» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت