خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول ياسىماقچى بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.06.03

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى «قاتناش تورى بىلەن قاپلاش»، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتتەك ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جايلارنىڭ «خەۋپسىزلىكىنى قوغداش» ۋە ئۇ رايونلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىن تىبەتكە بارىدىغان قاتناش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىماقچى بولغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىكى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 3-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تۆمۈر يول ئىدارىسى غەربىي رايوندىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ تېخى ئېچىلمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتكە كىرىپ-چىقىدىغان ئاساسلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يوللارنىڭ تېخى ياسالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە «غەربىي رايوننىڭ تۆمۈر يول تورىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، مەزكۇر رايونلار بىلەن ئىچكىرى خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ لىنىيەلىك قاتناش يولىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى» نى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتنىڭ تۆمۈر يول باغلىنىشىنى كۈچەيتىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق غەرىزى مال تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەن. چۈنكى ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ياۋروپا بازىرىغا مال چىقىرىدىغان مۇھىم دەرۋازىسى بولسا، تىبەت ۋە چىڭخەي ئېگىزلىكى خىتاينىڭ غەربىي رايون دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن مۇھىم رايون ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئون يىلدا بۇ ئىككى رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداشقا كۈچەپ كەلدى. ئەمدىلىكتە بولسا، بۇ رايونلارنى قاتناش تورى بىلەن قاپلاپ، يولۇچى توشۇش، يۈك توشۇش، بۇ رايونلاردىكى ماللارنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە توشۇش، رايونلار ئارا قوشۇلۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ھازىرلاش زۆرۈر بولدى».

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن 10 يىلدا تىبەتتە يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئارقىدىن ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلارنى تىنچىتقانلىقىنى، «مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى يوق قىلغانلىقىنى» داۋراڭ قىلغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە قاتناش يولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ رايوندىكى مەھسۇلاتلارنى خىتايغا توشۇش، خىتايدىن بولسا ئاھالە كۆچۈرۈش ئارقىلىق رايونلار ئارا قوشۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.