خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» ئاتالغۇسىنى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئىشلىتىۋاتقانلىقى مۇلاھىزە قىلىنماقتا
2015.12.08
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئاۋسترالىيەلىك تەتقىقاتچى جەيمىس لېيبولد دۈشەنبە كۈنى «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا باھا بېرىشتە مىللەت ئايرىمىچىلىقى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەتتە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر پەيدا قىلغان ھەرىكەتلەرنى دەرھال تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقى، ئەمما خىتايلار ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر، تىبەت بولمىغان باشقا مىللەتلەر پەيدا قىلغان ئوخشاش خاراكتېردىكى ھەرىكەتلەرنى ھازىرغىچە تېررورلۇق دەپ ئاتاپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە ئادەتتە ئاۋام ئىچىدە قورقۇنچ پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق دەپ ئاتىسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ «ئوي-پىكىر، بايان ۋە يۈرۈش-تۇرۇش» نىمۇ تېررورلۇق كاتېگورىيەسى ئىچىگە كىرگۈزگەن ۋە بۇ ئارقىلىق تىنچ سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ۋە تىبەت راھىبى تەنزىن رىنپوچىنى تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ جازالىغان.
جەيمىس لېيبولد شۇنداقلا بۇ يىل سېنتەبىردە گۇاڭشى ئۆلكىسىدە پارتلاتقۇچ قاچىلانغان پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىش ۋەقەسىدە ئون كىشى ئۆلگەن ۋە ئىيۇلدا شەندۇڭدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئىككى ئادەم ئۆلۈپ، 24 ئادەم يارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرگە پەقەتلا ئادەتتىكى جىنايى دېلو قاتارىدا مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، خىتايدىكى ھەقىقىي تەھدىتنىڭ شى جىنپىڭ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان خەلقئاراغا باغلانغان تېررور ھەرىكىتى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.









