ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خوتەن دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردە چەكلەش ھەققىدىكى ھۆججىتىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.08.10

10-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا خوتەندىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتنى تەنقىدلىدى.

ئۇلار باياناتىدا، بۇ ھۆججەتنىڭ رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش ھەققىدە چىقىرىلغان ئەڭ رادىكال بىر قارارلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم خاسلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇشقا شارائىت يارىتىش» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى مەخسۇس ھالدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش ھەققىدىكى ھۆججىتىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنداق بىر ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى ئىستانسىمىز تەرىپىدىن رەسمىي دەلىللەنگەن ئىدى.

مەزكۇر ھۆججەتتە، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بارلىق دەرسلەرنىڭ بىردەك خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى، بۇندىن كېيىن مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنىڭ بىردەك چەكلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىدى. بۇ ھۆججەت خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى باياناتتىكى سۆزىدە، خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوتەن دائىرىلىرىنىڭ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بۇ قارارى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى چىقىرىپ تارقاتقان بىر قىزىل باشلىق رەسمىي ھۆججىتى ئاشكارىلانغان ئىدى. ھۆججەتنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا «2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بارلىق دەرسلەر ‹دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقى› دا، يەنى خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدۇ، دېيىلگەن ئىدى.

مەزكۇر ھۆججەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ رەسمىي قىزىل باشلىق ھۆججەت ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ئۆزى تۈزگەن ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنلىرىغا خىلاپلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.