ئۇيغۇر رايونىنىڭ توكىنى ئىچكىرىگە يۆتكەيدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ترانسفورماتور قۇرۇلۇشى پۈتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-04-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېلېكتر توكىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر ترانسىفورماتور قۇرۇلۇشى 15‏-ئاپرېل رەسمىي پۈتكەن.

ئۇزۇنلۇقى 3 مىڭ 300 كىلومېتىرلىق بۇ ئېلېكتر لىنىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈرى ئارقىلىق ئېلېكتر توكى ئىشلەپچىقىرىپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنى پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش پىلانىنىڭ غوللۇق قۇرۇلۇشىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنى 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىپ، مەزكۇر رايون بىلەن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنى ئۆزئارا باغلايدىغان بەزى غوللۇق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىنى باشلىغان.

ئۇيغۇر رايونىدا كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇپ، كۆمۈرنى جايىدا سەرپ قىلىش، ئۇنىڭ توكىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ، ئۇلارنى پاكىز ئېنېرگىيە تەمىنلەش مانا شۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.

ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنى پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلىسىمۇ، بىراق بۇ ئۇيغۇر رايوننىڭ مۇھىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغانلىقى، رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئېلېكتر لىنىيەسى ئۇيغۇر رايونىنىڭ سانجى ئوبلاستىدىن باشلىنىپ، خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى گۇچۈەن بازىرىدا توختايدىكەن.

بۇ جەرياندا 6 ئۆلكىنى كېسىپ ئۆتىدىكەن. خەۋەردە، ئۇنىڭ دۇنيادىكى توك بېسىمى، ترانسفورماتورىنىڭ سىغىمچانلىقى، ئېلېكتر لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە تېخنىكا جەھەتلەردە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ ترانسفورماتورىنىڭ توك سىغىمچانلىقى 12 مىليون كىلوۋات ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت