ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمىلەردىمۇ مەھبۇسلارغا خىتاي تىلى ئۆگىنىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» نىڭ 28-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە شىخۇغا قاراشلىق 11-تۈرمە رايونىدىكى ۋاڭ ۋېي ئىسىملىك تۈرمە ساقچىسىنىڭ خىزمەتلىرى تەشۋىق قىلىنغان بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە، ۋاڭ ۋېي ئىسىملىك بۇ ساقچى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغانلىقى، مەسىلەن تۈرمىگە يېڭى كەلگەندە بىر ئېغىزمۇ دۆلەت تىلى سۆزلىيەلمەيدىغان بىر مەھبۇسنىڭ ۋاڭ ۋېينىڭ زېرىكمەي چۈشەندۈرۈشى نەتىجىسىدە دۆلەت تىلى يەنى خىتايچىنى ناھايىتى راۋان سۆزلەيدىغان ۋە ھەتتا قەدىمىي شېئىرلارنىمۇ يادلىيالايدىغان بولۇپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئاتالمىش «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» دىن قۇتۇلۇپ چىققان لاگېر شاھىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ لاگېردا خىتايچە ئۆگىنىشكە ۋە شى جىنپىڭنىڭ نۇتۇقلىرىنى يادلاشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەۋەردە ۋاڭ ۋېينىڭ تۈرمىدىكىلەرگە مەخسۇس خىتاي تىلى شېئىرلىرى، خىتايچە خەتلەر ۋە باشقىلارنى سىستېمىلىق ئۆگەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شىخۇدىكى تۈرمىگە ئائىت خەۋەردىن تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ھازىر خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.

بۇندىن باشقا يەنە خەۋەردە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان يەنى ئەرلىرى لاگېرغا سولانغان ئۆيلەرگە «قوشماق تۇغقان» كادىر سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان خىتاي كادىرلار مەسىلىسىگە ئائىت مەزمۇنلارمۇ ئورۇن ئالغان. خەۋەردە «ۋاڭ ۋېي شىخۇنىڭ ئىتتىپاق يولىدا ئولتۇرۇشلۇق گۈلى ھەدىنى داۋاملىق يوقلاپ تۇرىدۇ. گۈلى ھەدە ئۆيىدە پەقەت بىر كىچىك قىزى بىلەن ياشايدۇ، پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىپ جان باقىدۇ. ۋاڭ ۋېي ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى قەرەلسىز ھالدا كېلىپ، ئۇنى سوغا-سالاملار بىلەن يوقلاپ تۇرىدۇ» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت