ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: «مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-01-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان مەشھۇر دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ۋە ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە دەۋەت قىلغان شۇنداقلا خەلقئارا ئورگانلارنى مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

باياناتتا مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ «قۇرئان كەرىم» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە مۆھتەرەم دىنىي زات ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ بۇندىن 40 كۈنچە ئىلگىرى قىزى نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ۋە كۈيئوغلى، ئاتاقلىق شائىر ئادىلجان تۇنياز بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى مەزكۇر بايانات ھەققىدە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خەۋەر گەرچە رەسمىي دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە مەلۇم تەسىرگە ئىگە بىر ئائىلىدىكى ئۈچ كىشىنىڭ بىراقلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ مەزكۇر ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت