ئەل جەزىرە: «كوممۇنىستىك ساداقەت ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن ساقلاپ قالالمىدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى يېقىندا ئۇيغۇرلا ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، كوممۇنىستىك ساداقەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشىدىن ساقلاپ قالالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، تۇرپان شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئەنۋەر نىيازنىڭ تەقدىرى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلۇپ، ھاياتىنىڭ 30 نەچچە يىلىدا كومپارتىيەگە ئىشلىگەن ئەنۋەر نىيازنىڭ 2018‏-يىلى 4‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەنلىكى، ھالبۇكى ئۇ، بۇ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا قولغا ئېلىنغان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە، يەرلىك كوممۇنىست «سەرخىلى» بولۇشتەك بۇ سالاھىيەت ئۇلارنى قوغداپ قالالمىغانلىقى، باشقا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭمۇ ئەنۋەر نىيازغا ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە تۇتقۇنلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خەلقئارا جامائەتنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىنىشكە چاقىرماقتا ئىكەن.

خەۋەردە، ئەنۋەر نىيازنىڭ بېلگىيەدىكى ئوغلى ئەزھەر ئەنۋەرنىڭ دادىسى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ بىر مەزگىلدە سۈكۈت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا ئۇنىڭ بۇ سۈكۈتنى بۇزغانلىقى، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ «شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشى» گە جەڭ ئېلان قىلغانلىقى، ھالبۇكى يېقىندا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئەزھەر ئەنۋەر «ئەل-جەزىرە» نىڭ مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «دادام يامان ئەمەستەك تۇرىدۇ. ئەمما تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقىتتىكىدىن 10 يىل قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ» دېگەن. نۆۋەتتە، چەتئەل تاراتقۇلىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىغانلىقى ياكى قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا دائىر بۇ خىل خەۋەرلەر داۋاملىق ئېلان قىلىنماقتا. كانادا ئاخبارات شىركىتى CBC رادىيوسى ئۆتكەن ھەپتە كانادانىڭ ۋانكاۋۇر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر قىزى دىلنۇر قۇرباننى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئىنىسى ۋە دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. دىلنۇر قۇرباننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دادىسى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ 2017‏-يىلى 10‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن بېرى ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت