خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەڭ چوڭ «ۋىرۇس» دەپ قاراۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پۈتۈن دۇنيا تاجسىمان ۋىرۇسىدىن كېلىپ چىققان ۋاباغا قارشى تۇرۇۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‍ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئەشەددىي «ۋىرۇس» قاتارىدا يوقىتىش نىشانى قىلىۋاتقانلىقى داۋاملىق تاشقى دۇنيانىڭ دىققىتىدە بولماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى باشقۇرۇشىدىكى «تۆپىلىك» (The Hill) ژۇرنىلىنىڭ 1-ئىيۇندىكى سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىزچىل تۈردە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە ۋەز ئېيتىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادىنى يوقىتىشنى ھازىر تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى تۇرغاندىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويماقتا ئىكەن. شۇنداقلا بۇ كىشىلەرنى خۇداغا ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە «سەجدە» قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاشكارا ھالدا «ئىسلام ئەسەبىيلىكى ۋىرۇسقا ئوخشاش يۇقۇملۇق» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادى بىلەن باغلىنىشلىق بارچە مەزمۇنلار، ھەتتا ھاراق-تاماكىدىن ئۆزىنى تارتىشمۇ مۇشۇ دائىرىگە كىرگۈزۈپ قويۇلغان. بۇنىڭغا چېتىلىپ قالغانلار بولسا نۆۋەتتە مىليونلىغان ساندىكى لاگېر مەھبۇسلىرى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلار ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە بىر قىسىم سىياسىيونلار «ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل ۋالتز بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «دۆلەت مەجلىسى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارغا دائىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. ھىمايىسىزلارنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىمىز راست بولسا، بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىمىزدىن دەست تۇرۇشىمىز لازىم. چۈنكى ئۇلار ھۆرلۈككە موھتاج،» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت