13- ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچى يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئادىلە
2022.04.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي تاراتقۇلىرى 13-ئاپرېل كۈنى سائەت 24:00 كېچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدا (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشقا ئائىت دەلىللەنگەن يېڭى ئەھۋال يوقلىغىنى، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىنىڭمۇ يوقلىغىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە يەنە، ئۈرۈمچىدىكى 2 نەپەر ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىنىڭمۇ كارانتىنا ۋە ئايرىپ داۋالاشتىن چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

شۇنداق بولغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت :0024 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئالامەتسىز جەمئىي يۇقۇملانغۇچى سانى 23 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ 19 نەپىرى ئۈرۈمچىدە، 2 نەپىرى خوشۇت ناھىيەسىدە، 2 نەپىرى سانجىدا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىرغىچە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما خىتايدىكى ئومۇمىي يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىدىن قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىنى تەھدىت ئاستىدا، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى ئومۇمىي يۇقۇم ئەھۋالى خىتاي سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغاندىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر رايونىدا گەرچە يېڭىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يوق دېيىلگەن بولسىمۇ، ئۈرۈمچىدىن تارتىپ كورلا، سانجىغىچە كۆپلىگەن شەھەر، ۋىلايەتلەر قامال قىلىنغان بولۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىكەن. بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئىچكىرى خىتايدا يامراۋاتقان ۋىرۇس، ھەر قايسى شەھەرلەردە يولغا قويۇلۇۋاتقان قاتتىق قامال ۋە ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان ئاچارچىلىقنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر رايونىغىمۇ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.