خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەكىللىرى تۈرلۈك مۇقاملاردا پىكىر بايان قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.03.09

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن بارغان ۋەكىللەر تۈرلۈك مۇقاملاردا پىكىر بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن تاللانغان بىر قىسىم خىتاي ۋەكىللەر قانداق قىلىپ «شىنجاڭنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسىغا، كۆچمە نوپۇسنى يەرلەشتۈرۈش رايونىغا ۋە خەلقئارا سودا تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇش» پىكرىنى بەرگەن.

جۇڭگو جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باش دىرېكتورى، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تاللانغان ۋەكىللىرىنىڭ بىرى فۇ پۇيەن «شىنجاڭنى جۇڭگودىكى دۇبەيگە ئايلاندۇرۇش» تەكلىپىنى بەرگەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ كۆپ قىسمى تۈرلۈك مۇقاملاردا پىكىر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئاتالمىش «مۇقىملىقنى قوغداش» نى ئالدىنقى شەرت قىلغان.

ئاتاقلىق دارۋاز ئادىل ھوشۇر «مەدەنىيەت ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش» نى، دىلنار ئابدۇللا «خۇراپىي ئىدىيەلەردىن ئازاد بولۇپ، زامانىۋى ئاياللاردىن بولۇش» نى، ۋەكىل مۇختەبەر سادىق «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە ئاياللارنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىقى» نى، ۋەكىل رەيھانگۈل ئىمىر ئاياللارنىڭ ئىشەنچىنىڭ خىزمەتتىن كېلىدىغانلىقىنى، ۋەكىل خاسىيەت ئېلى «مۇقىملىقنى قوغداشتا ئاياللارنىڭمۇ قالقان بولالايدىغانلىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئىچىدە خالىدە ئابدۇقادىر باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەكلىپ-پىكىر بەرگەن. ئۇ «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش» ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن.

خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر بىلەن مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچىلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم سىياسىي كېڭەشكە تاللىنىدىغان ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن خىتاي ۋەكىللەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتە ئىچكى چەكلىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.